ئەسەد كۈچلىرى يەنە 106 جانغا زامىن بولدى

بەششار ئەسەدكە قاراشلىق سۈرىيە كۈچلىرى ئۆكتىچىلەرنى كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنى ۋارىل ۋە ۋاكۇم بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلدى.

116515
ئەسەد كۈچلىرى يەنە 106 جانغا زامىن بولدى

بەششار ئەسەدكە قاراشلىق ئەسكەرلەرنىڭ سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 106 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ جەرياندا سۈرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشى بايانات بېرىپ، ئارمىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارغا ۋارىل ۋە ۋاكۇم بومبىلىرىنى ئاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ھۇجۇملارنىڭ ھەلەب ۋە راققە شەھەرلىرىدىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەر رايونلىرىدا ئېغىر زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، پايتەختنىڭ دۇما، دارېييا، مۇلەيھا، قابۇن ۋە جوبار رايونلىرىنىڭمۇ ئەسەد كۈچلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن سۇرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى - سانا، سۇرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەلەب، دېرئا، ھاما، ھۇمۇس ۋە پايتەخت دەمەشقنىڭ چەت جايلىرىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا كۆپ ساندا قوراللىق گۇرۇپپا ۋە ئۇلارنىڭ ماشىنىلىرىنى يوقىتىپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر