خىتايدا يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ پىچاق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىدىكى دوڭفاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر ئادەم پىچاق بىلەن ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈردى، ئارقىدىن بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

110130
خىتايدا يەنە باشلانغۇچ مەكتەپ پىچاق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان خۇبېي ئۆلكىسىدە بىر ئادەم پىچاق بىلەن ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئالتە ئادەمنى يارىلاندۇردى. يەرلىك دائىرىلەر، چىن فامىلىلىك ئادەمنىڭ يۈنشى بازىرىدىكى دوڭفاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدە سەككىز ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ۋە ئاخىرىدا بىنادىن سەكرەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋەقەدە يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلىنىپ كەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، ھۇجۇمنىڭ نېمە ئۈچۈن يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى.
خىتايدا پات – پات باشلانغۇچ مەكتەپلەر ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلار توغرىسىدا كۆپىنچە ئۇلارنىڭ ئەقلىنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى قەيت قىلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر