ياپونىيە ھەربىي خامچوتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقارماقچى

ياپونلارنىڭ 70 يىللىق تۇرغۇنلۇقتا تۇرغان ئۇرۇشخۇمار گېنلىرى ھەرىكەتلىنىشكە باشلىدى.

107942
ياپونىيە ھەربىي خامچوتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقارماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېقىنقى تارىختا قەلىبلەرگە قورقۇنچ سالغان ئارمىيەلەرنىڭ بىرى بولغان، ھەتتا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن خىتاي پايتەختى بېيجىڭنىمۇ ئىشغال قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تارىخقا ئايلانغان ئىدى. ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىدە ئېغىر چىقىم تارتقان ياپونىيە ئارمىيەسى ئاساسىي قانۇننىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا ئىدى. ئەمما، يېقىنقى ئايلاردا خىتاي بىلەن شەرقىي دېڭىز مەسىلىسىدە كۆرۈلگەن ئىختلاپ، ياپونىيەنى قايتىدىن قوراللىنىشقا مەجبۇرلىدى. خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە تەھدىتلىرىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، ھۆكۈمەتتىن تەخمىنەن 100 مىليارد تۈرك لىراسىغا تەڭ ھەربىي خامچوت ئايرىشنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، ھەر ئىككى دۆلەت شەرقىي دېڭىزدا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئاراللار سەۋەبىدىن يىرىكلەشمەكتە. ياپونىيەنىڭ ئارمىيەگە ئايرىلغان خامچوت بىلەن 20 ئايروپىلان ۋە بىر چارلاش پاراخوتى سېتىۋالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، ياپونىيەنىڭ قوراللىنىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ ھەربىي خامچوتنى كۆپەيتىش پىلانىنى تەستىقلايدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە. ياپونىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %6.7 تۆۋەنلىگەن بولۇشىغا قارىماي مەزكۇر قارارنىڭ ئېلىنىشى، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرسەتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر