ئامېرىكىلىق ئانا مۇخبىر ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىلىق گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان مۇخبىرنىڭ ئانىسى ۋىدېئو ئارقىلىق ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە ياردەم تەلەپ قىلدى.

106556
ئامېرىكىلىق ئانا مۇخبىر ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ستىۋىن سايتلاۋنىڭ ئانىسى شۆرلى سايتلاۋ ۋىدېئودا تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىنى «خەلىپە» دەپ ئاتىدى ۋە «ئوغلۇمنى قويۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
مۇخبىرنىڭ ئانىسى ۋىدېئودا « ئىسلام دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادى ئەلقۇرەيسى ئەلھۈسەيىن بۇ تەلىپىمنى سىزگە ئەۋەتتىم، مەن شۆرلى سايتلاۋ، ئوغلۇم ستىۋىن سايتلاۋ سىزنىڭ قولىڭىزدا...» دېدى.
ۋىدېئو ئالدىدا تەمكىن بولۇشقا تىرىشقان ئەندىشە ئىچىدىكى ئانا، ئوغلىنىڭ ھەر دائىم ئاجىزلارغا ياردەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان شەرەپلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە بىر يىلدىن بۇيان ئوغلىنى ئىنتايىن سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئوغلىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئانا شۆرلى سايتلاۋ: «مەن ھەممە ئانا تەلەپ قىلىدىغاننى تەلەپ قىلىمەن. ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ بالىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن، سىزنىڭ بۇنى ماڭا مەرھەمەت قىلىشىڭىزنى سورايمەن» دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر