ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەگە بومبا ياغدۇرماقتا
ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلىشتا جامەلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە يېقىندا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا ئۈچ جامەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نۇقتا بومباردىمان قىلىندى، توققۇز ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 13 ئادەم يارىلاندى. بۇنىڭ بىلەن، ئىسىرائىلىيە 7 – ئىيۇل باشلىغان ھۇجۇملاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئاشتى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە 500 دىن ئارتۇقى كىچىك بالا.
بومباردىمان سەۋەبىدىن غەززەدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ھازىرچە باشلانمايدىغانلىقى، غەززەدىكى 470 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ ھۇجۇم پۈتۈنلەي توختىتىلغاندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئوقۇش باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش كومىتېتى (UNRWA) مەكتەپلەردە پاناھلىنىۋاتقان مىڭلارچە غەززەلىك ئائىلىگە باشقا جاي تېپىشقا تىرىشماقتا. غەززەدە 141 مەكتەپنىڭ ئىسىرائىلىيە ھۇجۇمىدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، بۇلاردىن 22 مەكتەپنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.