ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن مۇسۇل دامبىسىمۇ قايتۇرۇۋېلىندى

95562
 ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراققا ئىلگىرىلىشىگە تاقابىل تۇرۇلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن مۇسۇل دامبىسىمۇ قايتۇرۇۋېلىندى.
بۇ مەلۇماتلار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بېرىلدى.
باراك ئوباما يەنە، كۈرت ۋە ئىراق كۈچلىرىنىڭ بۇ باسقۇچتا ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنىڭ كەلگۈىسىگە قارىتا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاق سارايدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇسۇل دامبىسىنىڭ كونىتروللۇقىنىڭ ئىراق كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى، ھاۋا ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ شىمالىي ئىراققا ئىلگىرىلىشىگە تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە قارشى كۈرەشتە بىر قىسىم قىيىنچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، باسقۇچنىڭ ئۇزىرايدىغانلىقىنى، بىراق ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ مەلۇم مۇددەتكىچە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق خەلقىگە بېرىلىۋاتقان ياردەملەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئوباما، ئەنگىلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىراققا ئۈزلۈكسىز يېمەك - ئىچمەك ياردىمى بېرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىراقنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، ئابادى باشچىلىقىدا تاشلانغان ئىجابىي قەدەملەرگە يۇقىرى باھا بەردى.
ئوباما، باسقۇچنى تېزلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر