ئوتتۇرا ئافرىقىدا مۇسۇلمانلار «دۆلەت» قۇردى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى پارچىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

94479
ئوتتۇرا ئافرىقىدا مۇسۇلمانلار «دۆلەت» قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق ئوتتۇرا ئافرىقا پىرېزىدېنتى ۋە سېلېكا بىرلەشمىسى رەئىسى مايكېل دىجوتودىيا، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، شىمال تەرەپتە «مۇستەقىل دۆلەت» ئېلان قىلدى.
سېلېكا بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىنى نۇرەددىن ئادەم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «سابىق جۇمھۇر رەئىسى ۋە سېلېكا رەھبىرى مايكېل دىجوتودىيا باشچىلىقىدا ۋاكاگا رايونىدا پايتەختى بىراۋ بولغان مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلدى. ھۆر ۋە مۇستەقىل دۆلىتىمىزگە بېقىندى بولغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتمۇ تەشكىل قىلىندى» دېدى.
باياناتتا 12 مىنىستىرنىڭ دىجوتودىيا باشچىلىقىدا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقى ۋە سېلېكا بىرلەشمىسىنىڭ بىرىنچى قول مۇئاۋىنى نۇردەددىن ئادەمنىڭ مىللىي مۇداپىئە ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىسىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى. چاد ۋە سۇدان بىلەن چېگرىلىنىدىغان رايونغا جايلاشقان ۋاكاگا رايونىدا بىراۋ شەھرىدىن باشقا، كوندا دىجالې، كۇندجا شەھەرلىرىمۇ بار. 4 مىليون 500مىڭ نوپۇسى بولغان ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ 50%نى خىرستىيانلار تەشكىل قىلىدۇ، 40%نى ئانىمىستىلەر، 10%نى بولسا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار تەشكىل قىلىدۇ. تەخمىنەن 450مىڭ مۇسۇلمان شىمالدىكى ۋاكاگا ۋىلايىتىدە ياشايدۇ.
دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تارقاق ھالەتتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ئانتى بالاكا ھۇجۇملىرى سەۋەبلىك ۋاكاگاغا كۆچۈشكە باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر