ئوكرائىنادا بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلدى

ئوكرائىنادا دۆلەت ئارمىيەسىگە تەۋە بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلدى.

94522
ئوكرائىنادا بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانى چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكرائىنانىڭ لۇگانسك رايونىدا رۇس تەرەپدارلىرى بولغان بۆلگۈنچى كۈچلەر تۈنۈگۈن مىگ-29 تىپلىق بىر ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنى چۈشۈرۈۋەتتى.
ئايرۇپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ ۋەقە ئەسناسىنىدا پاراشوت بىلەن سەكرىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئوكرائىنا ئارمىيەسىنىڭمۇ لۇگانسكتا بىر ساقچىخانىنى قايتۇرۇپ ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيەنىڭ تالاش-تارتىشلىق يۈك ماشىنىلىرى ئەترىتىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئوكرائىنا چىگرىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە رۇخسەت قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ياردەم ئەترىتى خەلقئارا قىزىل كىرىست تەشكىلاتىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا رۇسىيەدىن ئوكرائىناغا بارىدۇ. بىراق تەشكىلات، تىركىشىۋاتقان تەرەپلەردىن ھازىرغىچە بىخەتەرلىكلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا ۋەدە ئالالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر