ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى زور تالاپەتكە يولۇقتى

ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى زور تالاپەتكە يولۇقتى.

94413
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى زور تالاپەتكە يولۇقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراققا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ۋە 10 كۈن ئىلگىرى ئىراق ئارمىيەسى قولىدىن تارتىپ ئېلىنغان مۇسۇل سۇ ئامبىرى پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە 19 ئاپتوموبىل ۋەيران قىلىندى، پەشمەرگە كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا ھاجەت قالمىدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى ئىراق ھۆكۈمىتىگە ئىراقنىڭ شىمالىنى توك ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇسۇل سۇ ئامبىرىنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېچىۋېتىش بىلەن تەھدېت سېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئىراقنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە كۈرت سىياسەتچى ھوشيار زەبارى، كېيىنكى نىشاننىڭ نىنوۋانى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە بۇ رايوندىكى ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى ئىراققا قايتۇرۇپ كېلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىراقتا ھازىرغىچە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدېتى سەۋەبلىك 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ئىراقلىق كۈرتلەر ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېغىر تىپلىق قوراللارغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتىپ، غەربتىن تېخىمۇ كۆپ ياردەم تەلەپ قىلدى.
ئىراق ئارمىيەسى قولدىن بېرىپ قويغان رايونلارنى قايتۇرۇپ ئالغان پەشمەرگە كۈچلىرىگە قورال-ياراغ ياردەم بېرىش مەسىلىسى بەزى گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتا. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى يوق قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان بۇ خىلدىكى قەدەملەرنىڭ پەشمەرگە كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئىراقتا يەنە بىر مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئۈستىدە ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر