ئەنگلىيە باش مىنىستىرى: ئ ش ئ د ۋاقتىدا بىتەرەپ قىلىنمىسا....

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون، ئ ش ئ د مەقسىتىگە يەتكەن تەقدىردە، دۇنيانىڭ «ئاق (ئوتتۇرا) دېڭىز چېگراسىغىچە كەلگەن بىر تېررورىست دۆلەت» خەۋپىگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

93511
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى: ئ ش ئ د ۋاقتىدا بىتەرەپ قىلىنمىسا....

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ديېۋىد كەمېرون، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى (ئ ش ئ د) مەقسىتىگە يەتكەن تەقدىردە، دۇنيانىڭ «ئاق (ئوتتۇرا) دېڭىز چېگراسىغىچە كەلگەن بىر تېررورىست دۆلەت» خەۋپىگە دۇچار بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.
كەمېرون، ئەنگلىيە «يەكشەنبە پوچتىسى» كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنى «قالايمىقان ۋە ياۋايى ئاشقۇنلار» دەپ سۈپەتلىدى. كەمېرون، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ھازىر بىتەرەپ قىلىنمىسا، بىر تېررور دۆلىتىنىڭ قۇرۇپ چىقىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ سىياسەتلىرىنى يوشۇرمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەمېرون، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كېڭىيىپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتوغا ئەزا بىر دۆلەتكە قوشنا بولۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە روشەن بىر خەۋپ بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ماقالىسىدە، «بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك تېررورىست ھەرىكەت بىتەرەپ قىلىنمىغان تەقدىردە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ ئەنگلىيە كوچىلىرىدا كىشىلەرنى نىشانغا ئېلىش ئارقىلىق يېتەرلىك كۈچكە ئىگە بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى» نى يازدى. كەمېرون، تەشكىلاتقا بېرىلىشى كېرەك بولغان قاتتىق بىر ئىنكاسقا ئېھتىياج بارلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر