ئامېرىكا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەكتە

ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىراقتا سىنجارنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئائىت ئىككى بىرۇنىۋىكنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

92773
ئامېرىكا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەكتە.
ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئىراقتا سىنجارنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىگە ئائىت ئىككى بىرۇنىۋىكنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كۈرت كۈچلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىنىڭ سىنجارنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزىدا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، رايوندا ئېنىقلاپ چىقىلغان ئىككى بىرونىۋىكنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ كېيىنچە رايوندىن بىخەتەر ھالدا ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر