ئىراندا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى

پايتەخت تېھراندا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى؛ قازادا كەم دېگەندىمۇ 48 ئادەم ئۆلدى.

85136
ئىراندا ئايروپىلان قازاسى يۈز بەردى

ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى مەھرابات ئايرودورۇمىدىن قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتتى.

ئىران خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئايروپىلاندىكى 48 يولۇچىنىڭ بىرىنىڭمۇ ھايات قالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. تابان ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە ئايروپىلاننىڭ بىر ئاھالىلەر رايونىغا چۈشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، قازا ئايروپىلاننىڭ موتورىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن.

ئىرانلىق ئالاقىدار مەسئۇللار، يۈز بېرىۋاتقان ئايروپىلان قازالىرىنىڭ جاۋابكارىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېمبارگوسى، ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ئېمبارگولار يۈزىسىدىن ئىراننىڭ يېڭى ئايروپىلان سېتىۋېلىشىغا چەكلىمە قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىران كەم دېگەندىمۇ 100 دانە يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر