ئامېرىكىدىن ئىراقتىكى قەتلىئام توغرۇلۇق بايانات كەلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىراقتىكى قەتلىئام توغرۇلۇق كۈتۈلۈۋاتقان بايانات كەلدى.

83172
ئامېرىكىدىن ئىراقتىكى قەتلىئام توغرۇلۇق بايانات كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىراقتىكى قەتلىئام توغرۇلۇق كۈتۈلۈۋاتقان بايانات كەلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما. ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەھدىتىگە قارشى ھاۋا ھەرىكىتى توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئوباما، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رايونىغا ئەۋەتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئوباما، ئىراقتىكى ئۆزگىرىشلەر توغرۇلۇق ئاق سارايدا بەرگەن باياناتىدا، بۇ ھەقتە ئىككى يېڭى قارار ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى يۈرگۈزۈۋاتقان قەتلىئاملار توغرۇلۇق توختالغان ئوباما، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئەربىلگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن تەقدىردە نىشانلىق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئوباما، ئەربىلدە ئامېرىكىلىق دىپلۇماتلارنىڭ بارلىكىقىنى، ئامېرىكىلىقلار خەۋپكە دۇچ كەلگەن تەقدىردە، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرىغا زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پىرېزىدېنت ئوباما، سىنجار شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي تىراگېدىيە توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ قەتلىئامنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭمۇ يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئوباما، يېمەك - ئىچمەك ۋە سۇ قاتارلىق ئاساسلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرىنىڭ ھاۋادىن رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقتىكى بومباردىماننىڭ ئامېرىكا كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر