شىس ئەلەيھىسسالام جامەسى پارتلىتىۋېتىلدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى داۋاملىق مۇقەددەس جايلارغا ھۇجۇم قىلماقتا..

71475
شىس ئەلەيھىسسالام جامەسى پارتلىتىۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى داۋاملىق مۇقەددەس جايلارغا ھۇجۇم قىلماقتا..
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى، ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىدە بۇ قېتىم ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن قالغان ھەزرىتى شىس ئەلەيھىسسالام جامەسىگە ھۇجۇم قىلدى.
شىس ئەلەيھىسسالام جامەسى جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن يىراقتىن كونىترول قىلىنىدىغان بومبىلار ئارقىلىق يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى.
ئىلگىرىكىمۇ مۇسۇل، تەلئەفەر ۋە كەركۈكتە دىنىي ئالىملارغا ئائىت مەقبەرەلەر بىلەن شىئە جامەلىرىنى پارتلاتقۇچ دورىسى بىلەن پارتلىتىۋەتكەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى تۈنۈگۈنمۇ يەنە ھەزرىتى شىس ئەلەيھىسسالام مەقبەرىسىنى پارتلاتقۇچ دورىسى بىلەن ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىس ئەلەيھىسسالام، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن دۇنياغا ئەۋەتىلگەن ئىككىنچى، دۇنيادا تۇغۇلغان تۇنجى پەيغەمبەر ئىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر