پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

69611
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
يۈزلەرچە فىرانسۇز، ئىسرائىلىيەگە قارشى شوئارلارنى توۋلاشتى، ھۇجۇملارغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىشتى.
نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم يەھۇدىي ئالىملارمۇ تىنچلىقنى قوللايدىغان سىگناللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈۋېلىشقان ئىدى.
ئانتى سېمىتىزم ئەندىشىسىگە قاپسىلىپ قالغان فىرانسىيە ھۆكۈمىتى قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ ئورنىغا پەلەستىننى قوللاش نىشان قىلىنىۋاتقان نامايىشلارغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. نامايىشچىلار بولسا يەھۇدىيلارغا ئەمەس، سىيونىست ئىسرائىلىيە دۆلىتىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىمەكتە.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، فىرانسىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئەڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر دۆلەت ئىكەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، دۆلەتتە غەززەنى قوللاش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان نامايىشلارغا قويۇلۇۋاتقان چەكلىمىلەر دىققەت قوزغىماقتا.
يەكشەنبە كۈنى پارىژغا يېقىن جايدىكى سارسېللېس رايونىدا پەلەستىننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان 3 كىشى، ئىسيان كۆتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
گېرمانىيەنىڭ بىرېمېن شەھىرى، ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندون ۋە ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماندىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر