ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئوكرائىنا ۋە غەززە ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى.

67249
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى گوللاندىيەدىن قوزغالغان مالايسىيا ئايرۇپىلانىنىڭ ئوكرائىنادا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشى ۋە غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە بىريۇسسېلدا يىغىن چاقىردى.
يىغىدىن ئىلگىرى سۆز قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئالاقە ئالىي ۋەكلى كاترېن ئاشتون، يىغىندا گوللاندىيەلىك مەنسەبداشلىرىنىڭ ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
«ئايرۇپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن ئاشتون، موسكوۋا ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى. غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندىن ئىلگىرى كاتىرون ئاشتوننىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا 500دىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشى ئۆلۈپ كەتكەن بولىسىمۇ، يەنىلا ئىسرائىلىيەنى ياقىلاپ سۆز قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.
پەلەستىننى نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ رايوندىكى خەلقنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ناچار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاشتون، ئۇرۇشتا بىگۇناھ پۇقرالارنىڭمۇ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر