ئاشقۇن يەھۇدىيلار قەتلىئام قىلمىشلىرىنى تەبرىكلەپ ئۇسۇل ئويناشتى

ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ قەتلىئام قىلمىشلىرىنى تەبرىكلەپ ئۇسۇل ئوينىشى پۈتكۈل دۇنيانىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

67253
ئاشقۇن يەھۇدىيلار قەتلىئام قىلمىشلىرىنى تەبرىكلەپ ئۇسۇل ئويناشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە قەتلىئام ئېلىپ بېرىۋاتقاندا مەيدانغا كەلگەن مەنزىرىلەر كىشىنى ھەقىقەتەن چۆچىتىدۇ.
غەززەلىك بوۋاقلار، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئېچىنىشىلىق ئەھۋالىغا ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. يەكشەنبە كۈنى غەززەنىڭ شۇجاييە مەھەللىسىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پەلەستىنلىكلەرنى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دېمەستىن قەتلى قىلىۋاتقاندا، ئاشقۇن يەھۇدىيلار پەلەستىنلىكلەرنىڭ قەتلى قىلىنىشىغا خوشال بولۇپ ئۇسۇل ئويناشتى. شۇجاييىە ھۇجۇمىدا 72 ئادەم ئۆلدى.
ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ قىن-قىنىغا پاتماي ئۇسۇل ئوينىشىغا پۈتكۈل دۇنيادا بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئا ف پ تارقاتقان بۇ كۆرۈنۈشكە پۈتكۈل دۇنيادىن نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر