ۋېنسۇۋېللا: ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

ۋېنسۇۋېللا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

65798
ۋېنسۇۋېللا: ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنسۇۋېللا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مادۇرو ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىنسانلارنى چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئەر-ئايال دەپ ئايرىپ ئولتۇرماستىن قەتلى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيە سىياسەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
پىرېزىدېنت نىكولاس مادۇرو خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «بىر تەرەپتە قەتلى قىلىنىۋاتقان ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن، يەنە بىر تەرەپتە ھەربىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان، خەلقئارا قانۇنغا ھۆرمەت قىلمايدىغان ئىشغالىيەتچى كۈچ ئىسرائىلىيە بار» دېدى.
«ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش بولغىنى يوق» دېگەن مادۇرو، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئارمىيەسى يوقلىقىنى، بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار قورال-ياراقلار بىلەن قوراللانغان ئارمىيەسى بارلىقىنى ئېيتتى.
«ئىسرائىلىيە روكېتلىرى قەيەرگە زەربە بەرمەكچى بولسا شۇ يەرگە زەربە بەرمەكتە» دېگەن مادۇرو، روكېتلارنىڭ بىگۇناھ خەلقلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، «شەك شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېدى.
ۋېنسۇۋېللا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى كېڭىشىنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر