جۇڭگوغا رامماسۇن تەيفېڭ بورىنى زەربە بەردى

جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا تەيفېڭ بورىنى تەسىر كۆرسەتتى.

65054
جۇڭگوغا رامماسۇن تەيفېڭ بورىنى زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن رامماسۇن تەيفېڭ بورىنىدا 17 ئادەم ئۆلدى.
رامماسۇن تەيفېڭ بورىنى جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارال ئۆلكە خەينەن بىلەن گۇاڭشىدا كۈندىلىك تۇرمۇشنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
بۇ قېتىم مەيدانغا كەلگەن تەيفېڭ بورىنى كېيىنكى 40 يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر تەيفېڭ بورىنى ئاپىتى سەۋەبلىك رايوندا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. شىددەتلىك بوران-چاپقۇن دەرەخلەرنى يىلتىزدىن قومۇرۇپ تاشلىدى، توك لىنىيىلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى.
مىڭلارچە ئۆينى يەر بىلەن يەكسان قىلغان بوران-چاپقۇن، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا قاتناشلىرىغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى ئاپەتتە نۇرغۇن تېرىلغۇ جايلار زىيانغا ئۇچرىدى. تەيفېڭ بورىنىنىڭ 1 يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر