تەرەپلەر مۇزاكىرىلەرنى يەنە 4 ئاي داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالدى

ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا 2 - ئىيۇل كۈنى ۋىيانادا باشلانغان 6 - نۆۋەتلىك مۇزاكىرىلەردىنمۇ ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى

64329
تەرەپلەر مۇزاكىرىلەرنى يەنە 4 ئاي داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 5 دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدا 2 - ئىيۇل كۈنى ۋىيانادا باشلانغان 6 - نۆۋەتلىك مۇزاكىرىلەردىنمۇ ھېچقانداق نەتىجە ھاسىل قىلىنالمىدى.
تەرەپلەر مۇزاكىرىلەرنى يەنە 4 ئاي داۋاملاشتۇرۇش قارارى ئالدى.
ئىلگىرى 20 - ئىيۇلغىچە ئاخىرقى قېتىملىق كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانىدى.
بىراق ئىزچىل تۈردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن 8 ئاي ئىچىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنالمىدى.
مۇزاكىرىلەردە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىختىلاپلارنىڭ بېشىدا ئوران قويۇلدۇرۇش مەسىلىسى كېلىدۇ.
تېھران ئوران قويۇلدۇرۇش دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى، غەرب بولسا ئازايتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر ئىختىلاپ بولسا سېنترىفۇگلۇق سېپاراتورلانىڭ سانى، ئېغىر تىپلىق سۇ رېئاكتورى قۇرۇلۇشى، يادرو ھەمكارلىقى ۋە ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى مەسىلىلىرى تەشكىل قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر