ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

132672
ئامېرىكا: رۇسىيە ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ستېۋ ۋاررېن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا 12 مىڭغا يېقىن ئەسكىرى بار، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئەسكەر سانىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردىن بويان رۇسىيەنىڭ چېگراغا ئەسكەر توپلاشقا باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ۋاررېن، جەڭچى قىسىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرقلىق ھەربىي قىسىملاردىن تەشكىل تاپقان رۇسىيە ھەربىي كۈچىنىڭ چېگراغا ئورۇنلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ماي ئېيىدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا 40 مىڭ ئەسكىرىنىڭ بارلىقىنى، لېكىن غەربنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە بۇ ساننىڭ مىڭغا قىسقارتىلغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر