ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيەپەرەسلەر تىركەشمەكتە

ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيەپەرەس بۆلگۈنچىلەر دونېتسىك ۋە لۇھانسىك شەھەرلىرى ئەتراپىدىكى بازارلاردا كەسكىن جەڭ قىلماقتا.

129009
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيەپەرەسلەر تىركەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ شەرقتىكى دونېتسىك ۋە لۇگانسىك شەھەرلىرى ئەتراپىدا رۇسىيەپەرەسلەرگە قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە جۈمە ۋە شەنبە كۈنى 48 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، 12 – ئىيۇل ھاۋا قىسمىنىڭ گارلوۋكادىكى رۇسىيەپەرەسلەرگە قىلغان بەش ئايرىم ھۇجۇمىدا 30 غا يېقىن رۇسىيەپەرەسنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. 11 – ئىيۇل كەچتە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى دونېتسىكنىڭ مارىنكا رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە نەپەر ئادەتتىكى پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، تۆت پۇقرا يارىلاندى.
دونېتسىك رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سەھىيە باشلىقى، دونېتسىكنىڭ پېتروۋىسكتە چىققان ئېتىشىشلاردا ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، سەككىز ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنانىڭ لۇگانسىك رايونىدىمۇ ھەپتە ئاخىرى شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەردى. لۇگانسىك شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لۇگانسىك ئايرودۇرۇمى ئەتراپىدا چىققان ئېتىشىشتا ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان.
ئۆتكەن ھەپتىدىكى شىددەتلىك جەڭلەردىن كېيىن، سلاۋيانسىك، كراماتورسىك، درۇجكوۋكا، نىكولويېۋ، كونىستانتىنوۋكا ۋە ئارتېمىۋسكا قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، رايوننى كونترول قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار لۇگانسىك، دونېتسىك، سترېلكوۋ، كارلوۋكا، سېۋېرسىكتا ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر