ئىران يادرو سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە بىلەن ئىران ئارىسىدا ۋىيېننادا داۋاملىشىۋاتقان يادرو سۆھبىتىدە چوڭ مەسىلىلەر كۆرۈلمەكتە.

128676
ئىران يادرو سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە 20 – ئىيۇلدا ئاخىرقى كېلىشىمنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچۈن سۆھبەتنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇزاكىرىلەر دائىرىسىدە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۆتكۈزگەن يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن: «ئالتە دۆلەت بىلەن ئىران ئارىسىدا پۈتۈشەلمەسلىك بار» دېدى.
فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورېن فابيۇس باياناتىدا، ئېغىر سۇ رېئاكتورى ۋە ئۇران قويۇلدۇرۇش مەسىلىلىرىدە پۈتۈشەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋىليام ھۆگ، تەرەپلەرنىڭ مەيدانىدا تېز ئۆزگىرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى پەقەت تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىدىغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولۇشىمىز لازىم» دېدى.
مۇزاكىرىلەردە ئۇران قويۇلدۇرۇش نىسبىتى، ئېغىرلىق سۇ رېئاكتورى ۋە ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش تېمىلىرى ئاساسلىق پۈتۈشەلمىگەن مەسىلىلەر بولماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر