ئىراقتا ھۆكۈمەت كىرزىسى داۋاملاشماقتا

ئىراقتا نۇرى ئەل مالىكى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى.

127834
ئىراقتا ھۆكۈمەت كىرزىسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن چاقىرىلىشى پىلانلانغان ئىراق پارلامېنتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى سەيشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.
كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى ئىراق پارلامېنتىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغان ئىدى. ھۆكۈمەت كىرزىسىدە ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى ئەڭ كۆپ تەنقىدكە ۋە نارازىلىققا ئۇچرىماقتا.
328 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنتتا 92 ئورۇندۇققا ئېرىشكەن نۇرى ئەل مالىكىنىڭ پارتىيەسى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىدى.
ئىراق رايونلۇق كۈرت ھاكىمىيىتى تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئاشتى ھاۋرامىمۇ بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، يىل ئاخىرغىچە باغداد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىراقتا ھۆكۈمەت كىرزىسى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلىرى ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جون بايدىن ئىراقلىق رەھبەرلەر بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمەت قۇرۇش خىزمەتلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋاشىنگىتوننىڭ ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى باشلىقى مەسۇد بارزانى بىلەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا بېكىتىلگەن ئىراققا بېقىندى بولغان ئاساستا تېزراق ھۆكۈمەت قۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىراقلىق مەسئۇللارنى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى. ئىراقتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە. باغدادنىڭ شەرقىدە قوراللىق بىر كىشىنىڭ بىر بىناغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. زوراۋان 20سى ئايال بولۇپ جەمئىي 29 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئانبار ۋىلايىتىدە ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن مىلىتاننىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر