ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىى يىغىن چاقىرىدۇ

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىدۇ

126712
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىى يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىدۇ.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى نەبىل ئەرەبى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى VAFA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەرەبى، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسقا تېلېفون قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان غەززەگە قىلىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەرەبى، يىغىننىڭ قاچان چاقىرىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. مەھمۇد ئابباس بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 108 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 805 كىشى يارىلانغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر