سرېبرېنىتسادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇنتۇلمىدى

19 يىل ئىلگىرى بوسنىيە - گرېتسىگوۋېنانىڭ سرېبرېنىتسا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىزلىرى تېخىچە ئۆچمىدى.

126273
سرېبرېنىتسادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇنتۇلمىدى


ئۆلتۈرۈلگەن 8 مىڭ مۇسۇلماننىڭ ئارىسىدىن كىملىكلىرى ئېنىقلانغان 175 كىشىنىڭ جەسىتى بۈگۈن پوتورىچارىدا يەرلىكىگە قويۇلدى.
قۇربانلارنىڭ جەسەتلىرى تۈنۈگۈن سرېبرېنىتسادىن پوتورىچارىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىدى.
پوتورىچارىنىڭ كونا ئاكۇمېلاتور زاۋۇتىدا كۈتۈۋاتقان خەلق قاتتىق قايغۇغا چۆمۈلدى.
خۇددى سرېبرېنىتسادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قاچماقچى بولغان بوشناقلار ئىشلەتكەن ۋە "ئۆلۈم يولى" دەپمۇ نام ئالغان ئورمان يولىدا ئېلىپ بېرىلغان يۈرىشىدىكى قايغۇرۇشلارغا ئۇخشاپ كېتەتتى.
پەرزەنتلىرى قوربان بولغان ئانىلار، دادىلىرىنى كۆرمەي چوڭ بولغان نارەسىدىلەر، قانچىلىغان يىللارىن بۇيان قېرىنداش پىراقىنى چېكۋاتقان ئاكا – ئۇكىلار بۇ ئەلەملىك ۋىدالىشىش ئۈچۈن پوتورىچارىغا توپلاشقان ئىدى.
قوربان بولغانلارنىڭ ئەڭ كېچىكى 14 ياشلىق سېناد بېگېنوۋىچنىڭ ئاكىسى مەنسۇر بېگانوۋىچ ئىدى. ئۇ قېرىندىشىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگەن چېغىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىدا كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.
ھەسىبە سالقىچ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئوغلىنى يەرلىكىگە قويۇش ئالدىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ دەرت - ئەلەملىرىنى تېخىمۇ تەرىپلىگى بولمايدۇ.
شېھىتلەر بۈگۈن جىنازە نامىزى قىلىنغاندىن كېيىن يەرلىكىگە قويىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر