بان كىمۇن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى

بان كىمۇن غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن جىددىي يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

124862
بان كىمۇن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بان كىمۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، غەززەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «رايوننىڭ ۋەزىيىتى ھېچكىم كونترول قىلالمايدىغان تەرەپكە قاراپ يۈزلەنمەكتە.»
غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قىلىنغان روكېت بومبا ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن بان كىمۇن، بۇ ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
غەززەدىكى ئىنسانىي كىرزىسلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق ب د ت ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان بان كىمۇن، رايون دۆلەتلىرىدىن ھەم سىياسىي ھەم ئىنسانىي مەسىلىلەردە ئۈنۈملۈك چارە ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.
بان كىمۇن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن كېيىن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتچى رەئىسى رۇئاندانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكالەتخانىسدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى دۆلەتلىرىنىڭ غەززەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نيۇيورك ۋاقتى 10:00دا يىغىن چاقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يىغىندا باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ رايوننىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قىسقىچە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر