ئىراقتا خىمىيەلىك قورال جىددىيچىلىكى باش كۆتۈردى
ئىراق ھۆكۈمىتى، بەزى خىمىيەلىك قورال مۇئەسسەسەلىرىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ب د ت غا مەلۇم قىلدى.
ئىراق، پايتەخت باغدادنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خىمىيەلىك قورال ئورنىنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا مەلۇم قىلدى.
ئىراقنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مۇھەممەد ئەلى ئەلھەكىم تەرىپىدىن ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا تاپشۇرۇلغان مەكتۇپتا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ 11- ئىيۇندا باغدادقا يېقىن جايدىكى مۇسەننا رايونى ۋە ئۇ يەردىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى قولغا چۈشۈرۈۋالغانلىقىغا دائىر مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.
مەكتۇپتا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەت ناچارلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ يەردىكى خىمىيەلىك قوراللارنى يوقىتىپ تاشلاش ۋەدىسىنى ئورۇندىيالمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى. ساددام ھۇسەيىن دەۋرىدىن قالغان خىمىيەلىك قورال مۇئەسسەسەلىرىدە ھەر خىل زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار ياكى قالدۇقلار بار بولغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.
مۇسۇل ۋە ئەتراپىدىكى رايونلارنى سۈرئەت بىلەن قولىغا كىرگۈزۈۋالغان ۋە باغدادقا تەھدىت سېلىۋاتقان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، 29- ئىيۇندا ئىراقتا خەلىپىلىك دۆلىتى قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.