سۈرىيە كۈچلىرى، تاراۋىھ نامىزى ئوقۇلۇۋاتقان جامەگە ھۇجۇم قىلدى

ھۇجۇمنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ھۇمۇس شەھىرىنىڭ زافەران بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

123269
سۈرىيە كۈچلىرى، تاراۋىھ نامىزى ئوقۇلۇۋاتقان جامەگە ھۇجۇم قىلدى

سۇرىيەدە بىر جامەگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى؛ ھۇجۇمنىڭ ھاكىمىيەت كۈچلىرى تەرىپىدىن ھۇمۇس شەھىرىنىڭ زافەران بازىرىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
سۇرىيە ئومۇمىي ئىنقىلاب كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ ھۇمۇسنىڭ زافەران رايونىدىكى ئۆمەر بىن ئابدۇلئەزىز جامەسىدە تاراۋىھ نامىزى ئوقۇلۇاتقاندا قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا 15 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، بىر قىسىم يارىدارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر