ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش

ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تەلافەر بىلەن جەلاۋلە ناھىيەسىگە مەركەزلەشتى.

122264
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا بەزى شەھەرلەرنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغان ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
ئىراق ئايرۇپىلانلىرى تەشكىلاتنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مۇسۇلنىڭ تەلافەر ناھىيەسىنى قاتتىق بومباردىمان قىلماقتا.
ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مىلىتانلىرى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار تەلافەر بىلەن جەلاۋلە ناھىيەسىگە مەركەزلەشتى.
ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى تۈنۈگۈن كېچە تەلافەرنى بومباردىمان قىلدى. بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىۋاتقان رايوندا ھازىرغىچە ھېچكىم ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىغىنى يوق. ھۇجۇمدا 1 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى، 12 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا مەتبۇئاتى باغدادىنىڭ ئىراقتىكى بۇككا لاگېرىدا تۆت يىل مەھبۇستا قالغانلىقىنى يازدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىكى باياناتچىسى جېن پىساكى بۇ قاراشلارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
باغدادىنىڭ قايسى جىنايەت سەۋەبلىك تۇرمىغا سولانغانلىقى، ئارقىدىن نېمە ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر