يوقاپ كەتكەن 3 يەھۇدىي ياشنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يوقاپ كەتكەن 3 يەھۇدىي ياشنىڭ جەسىتى ئاخىرى تېپىلدى.

113337
يوقاپ كەتكەن 3 يەھۇدىي ياشنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 12-ئىيۇندا يوقاپ كەتكەن 3 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ياشنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
16 ياشتىكى نافتالى فىرېنكېل ۋە گىلاد شائار بىلەن 19 ياشلىق ئەيا يىفراچ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەل خەلىل رايونىدا كۆرۈلگەن ئىدى.
بۇ ۋەقەگە قارىتا ئىسرائىلىيە پارلامېنتى يىغىنلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ مىنىستىرلار كابىنتىنى جىددىي يىغىنغا چاقىرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ياشلارنى ئېلىپ قاچقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كىشىلەرگە زەربە بېرىش تەييارلىقىنىڭ باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى. ئەل خەلىلنىڭ شىمالىدىكى خەلخۇل يېزىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۆلگەن 3 ئىسرائىلىيەلىك ياشنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى ۋە ياشلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنى ئەيىبلىگەنلىكى قەيت قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بان كىمۇنمۇ ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى «قەبىھلىك» دەپ تەرىپلىدى.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى 3 يەھۇدىي ياشنىڭ ئېلىپ قېچىلىشىدىن ھاماسنىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى بۇ 3 ياشنى تېپىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە، 17 كۈن ئىچىدە سابىق مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ 589 پەلەستىنلىكنى نازارەت ئاسىتىغا ئالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر