ب د ت باش كاتىپى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

ب د ت بان كىمۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.

113341
ب د ت باش كاتىپى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا جەسىتى تېپىلغان 3 يەھۇدىي ياشنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ئەيىبلەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى.
ب د ت باش كاتىباتلىق باياناتچىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گۇناھسىز ياشلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ھېچقانداق سەۋەبنىڭ يوللۇق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بان كىمۇننىڭ، ياشلارنىڭ ئائىلىلىرىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن مەسئۇللىرىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بۇرۇنراق تېپىلىشى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
«تىنچلىق دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بۇ قەبىھ جىنايەت»نىڭ جەمئىيەتلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچسىزلىك، ئامانسىزلىق ۋە ئايرىمچىلقنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىپادە قىلغان بان كىمۇن، بۇ ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە رۇخسەت بېرىلمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنى خەلقئارا قانۇن دائىرىسىدە مەسئۇلىيەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا سۈركىلىشلەرنى كەسكىنلەشتۈرىدىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر