شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى جىددىيچىلىك داۋام قىلماقتا؛ شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىك ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى.

111052
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كورېيەنىڭ ۋونسان رايونىدىن 500 كىلومېتىر مۇساپىلىق ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى. قويۇپ بېرىلگەن سكۇد بومبىلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي كورېيە تەۋەلىكىگە چۈشكەنلىكى، ئادەم ئۆلۈش ياكى باشقا ھەرقانداق بىر زىيان كۆرۈلمىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بومبىلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى بىردىنبىر ئىتتىپاقدىشى بولغان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا ئازلا قالغاندا قويۇپ بېرىلىشى دىققەتنى تارتتى.
بېيجىڭ بىلەن سېئۇل ئۇزۇندىن بويان يادرو خىزمەتلىرىنى توختىتىپ قويۇشى توغرىسىدا پيوڭياڭغا بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
شىمالىي كورېيە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە مانىۋېرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر