گۆرۈدىكى 4 كۆزەتكۈچى قويۇپ بېرىلدى

ئۇكرائىنادا ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 4 نەپەر كۆزەتكۈچىسى قويۇپ بېرىلدى.

110464
گۆرۈدىكى 4 كۆزەتكۈچى قويۇپ بېرىلدى

ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 29- ماينىڭ مابەينىدە ئۇكرائىنانىڭ لۇھانىسكى رايونىدا تۇتۇپ كېتىلگەن 4 كۆزەتكۈچىنىڭ تېخى تۈنۈگۈن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، رۇسىيە ۋە ئىسپانىيە پۇقراسى 4 كۆزەتكۈچىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
دونېتسكى ۋە لۇھانىسكى رايونىدكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇكرائىنا مىقياسىدا 40 دۆلەتتىن كەلگەن 300 كۆزەتكۈچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىنا ئالاھىدە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىدا سېپىدە ئۇكرائىنادا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 4 نەپەر كۆزەتكۈچى 26- ماي كۈنى دونېتسكىدا، باشقا 4 كىشىلىك گۇرۇپپا بولسا، 29- ماي كۈنى لۇھانىسكىدا گۆرۈگە ئېلىپ قېچىلغانىدى. دونېتسكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 4 كۆزەتكۈچى ئالدىنقى كۈنى قويۇپ بېرىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر