ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى گولان ئېگىزلىكىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن، بەششار ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ نۇقتىلىرىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلدى.

103769
ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى سۈرىيەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىدە 1 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئىككى ئادەمنىڭ يارىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.
ئىسىرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بەششار ئەسەد ئارمىيەسىنىڭ بازىلىرى ۋە ئۇرۇش نۇقتىلىرى بولۇپ، جەمئىي توققۇز جاينى نىشانغا ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
گولان ئېگىزلىكىدىكى ئۆتۈش نۇقتىسى ئەتراپىدا بىر ياشنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ھۇجۇمنىڭ، بومباردىماندا ياكى يولغا كۆمۈپ قويغان بومبىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. بۇ سۈرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان 2011 – يىلدىن بۇيان گولان ئېگىزلىكىدە ئىسىرائىلىيە تەرەپتە ئۆلۈمگە سەۋەب بولغان تۇنجى ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر