ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىنى توسقىلى بولمىدى

ئىراق ئارمىيەسى بوشاتقان جايلار ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى.

104413
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىنى توسقىلى بولمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە تەرەپتە ئىككىنچى چېگرا ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈرىيەدىكى قانىتى بىلەن بىرلىشىش يولىنى ئالغان بولدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ تەلافەر ئايرودۇرۇمىنى ئىگەللىۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئايرودۇرۇمنىڭ قولدىن كېتىشى، ھەربىي قىسىمنى توشۇش ئۈچۈن پايدىلانماقچى بولغان ئىراقنىڭ مۇسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈمىدىگە ئېغىر زەربە بەردى. مۇسۇل ئەتراپىدىكى يوللارنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا كىرگۈزگەن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى، خەلققە قۇرئان تارقاتتى. تەشكىلات باكۇبادا ئىراق قىسىملىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى. ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمى نەتىجىسىدە، تەشكىلات ئەزالىرى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىراق قىسمى تەشكىلاتىنىڭ قوراللىرىنى ئولجا ئالدى.
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى ھىللا شەھىرى ئەتراپىدا تېررورىست مەھبۇسلارنى ئېلىپ ماڭغان بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان 70 مەھبۇسنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى. توقۇنۇشتا، بەزى ساقچى خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلىقى، ئالتە تەشكىلات ئەزاسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
ھادىسا شەھىرى ئەتراپىدىمۇ بىر سۇ ئامبىرى تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. باغداد ھۆكۈمىتى سۇ ئامبىرى قولدىن كەتكەن تەقدىردە ئىراقتا ئېلېكتىر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن رايونغا ئەسكەر ئەۋەتتى.
بۇ پەيتلەردە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي ئىيوردانىيەدىن ئايرىلىپ ئۇشتۇمتۇت ئىراققا باردى. جون كېرررىينىڭ مالىكىغا سۈننى ئۆكتىچىلەرنىمۇ ھۆكۈمەتكە قوبۇل قىلىشى ھەققىدە بېسىم قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئىران ھۆكۈمىتى بولسا، جون كېررىينىڭ ئەسلى مەقسىتىنىڭ، ئىراقتا مالىكىنىڭ ئورنىغا كېلىدىغان ئادەمنى بەلگىلەش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ئامېرىكىنى ئىراقتا كونتروللۇقنى قايتىدىن قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىراقنىڭ ھاۋادىن ياردەم قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان ۋە بۇنىڭ ئورنىغا 300 مەسلىھەتچى ئەۋەتىش قارارى بىلەن كۇپايىلەنگەن ئىدى.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېلېگراف گېزىتى»، شىمالىي ئىراق ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇل بىلەن باغدادقا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى بەش ئاي بۇرۇن ۋاشىنگتون ۋە لوندونغا يەتكۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گېزىت يەنە، ئۆتكەن ئايلاردا ئەنگلىيەدە تۇغۇلغان 500 گە يېقىن ياشنىڭ ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىراققا كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر