مىسىردا 183 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلىدۇ

مىسىر باش تەپتىشى ھىشام بەرەكاتنىڭ 183 نىڭ ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئېلان قىلغان مىنيا جازا مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ ئالىي سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

103451
مىسىردا 183 ئادەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ئېتىراز بىلدۈرۈلىدۇ

بەرەكات يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىنيا جازا مەھكىمىسىنىڭ قارارلىرىنى «ئادالەتنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ۋە قانۇنلارنىڭ توغرا ئىجرا قىلىنىشى» ئۈچۈن ئالىي سوتقا سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مىنيا جازا مەھكىمىسى ئالدىنقى كۈنى «زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ساقچى پونكىتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىۋاتقان ئىخۋان (مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى) تەرەپدارى شۇنداقلا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى 681 ئادەمنىڭ 180گە ئۆلۈم جازاسى، 3 ئادەمگە ھەم ئۆلۈم ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشكە ھۆكۈم قىلغانىدى. مەزكۇر دېلو دائىرىسىدە ئىككى ئايالغا پەقەت مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەن، قالغان 496 كىشىنىڭ بىگۇناھ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر