جون كېررىي ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ناسىر جۇدە بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىراق ۋە سۈرىيە مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

103477
جون كېررىي ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە پېترا (PETRA) ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جون كېررىي بىلەن جۇدە ئىراقتا يۈز بەرگەن ۋە رايون خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالغان ۋەزىيەتكە قارشى ھەممىنى بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىردى.
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە، جۇدەنىڭ: «قېرىنداش دۆلەت ئىراقتىكى تەرەپلەرنىڭ دۆلەتتىكى بارلىق قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان سىياسىي يول ئارقىلىق ھەقىقىي مىللىي مۇرەسسەنى ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە يەنە، جۇدە بىلەن جون كېررىينىڭ ئۇچرىشىشتا سۈرىيە ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي 22 – ئىيۇن ئەتىگەندە مىسىردا زىيارەتتە بولغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر