گولان تۆپلىكىدە پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى

گولان تۆپلىكىدە پارتلاش يۈز بېرىپ 1 ئىسرائىلىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

103215
گولان تۆپلىكىدە پارتلاش ھادىسىسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە چېگرىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 1 ئىسرائىلىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز 2 ئادەم يارىلاندى.
ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ چېگرىدىكى سىم توساقلارنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئالدىن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنىڭ سۈرىيەنى توپقا تۇتقانلىقى، رايونغا نۇرغۇن ئەسكەر بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر