بوكو ھارام تەشكىلاتى 2 يېزىغا ھۇجۇم قىلدى

بوكو ھارام تەشكىلاتى 2 يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى .

103207
بوكو ھارام تەشكىلاتى 2 يېزىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئۆلكىسىدە بوكو ھارام مىلىتانلىرىنىڭ 2 يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئاپرېلدا يۈزدىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچى ئېلىپ قېچىلغان چىبوككا يېقىن جايدىكى كورونگىنىم ۋە نىتسىھا يېزىلىرىغا 20دىن ئارتۇق مىلىتاننىڭ ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.
ھۇجۇملاردىن كېيىن چىبوك دۆلەت دوختۇرخانىسىغا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بوكو ھارام مىلىتانلىرى چىبوكتىكى مەكتەپلەردىن نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچىنى 14-ئاپرېلدا ئېلىپ قاچقانىدى. ئۆزىنى بوكو ھارام كاتتىۋېشى ئەبۇبەكىر شەكائۇ دەپ تونۇتقان بىر كىشى تەشكىلات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋىدىئو كۆرۈنۈشىدە قىزلارنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە نىگېرىيە دائىرلىرىدىن تۇرمىلاردىكى تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.
نىگېرىيەدە دىننى ئاساس قىلغان ھاكىمىيەت ۋە غەربچە مائارىپقا قارشى بولغان بوكو ھارام تەشكىلاتى قانلىق ھۇجۇملارنى سادىر قىلىش ۋە مىڭلارچە ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر