ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى كەركۈك ئەتراپىدىكى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 20 تۈركمەننى ئۆلتۈرگەن. ھۇجۇمدا ئىككى تۈركمەن يوقاپ كەتكەن.

99712
ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئەزالىرىنىڭ 18 – ئىيۇن كېچە كەركۈك ئەتراپىدىكى تۈركمەن يېزىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 20 تۈركمەننى ئۆلتۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
تۇزھۇرماتۇ شەھەر باشلىقى ئىككى تۈركمەننىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىن ئۈچ يېزىدا ياشايدىغان تۈركمەنلەر شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدىكى تۇزھۇرماتۇدا پاناھلاندى. كەركۈكنىڭ جەنۇبىغا توققۇز كىلومېتىر كېلىدىغان تۈركمەن بەشىر يېزىسىمۇ، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. تۈركمەنلەر بىلەن خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بۇ ھۇجۇمنى چېكىندۈردى.
ئىراق ساقچىلىرى يېزىنى قوغداشقا شىمالىي ئىراق قوراللىق قىسىملىرىنىڭمۇ ياردەم قىلغانلىقىنى، ئېتىشىشتا شىمالىي ئىراق قوراللىق قىسمىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ۋە ئالتە قوغدىغۇچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇسۇل ئەتراپىدىكى تەلافەر ناھىيەسىدىنمۇ توقۇنۇش خەۋەرلىرى كېلىشكە باشلىدى.
ئىراق ئارمىيەسى تەلافەرنىڭ بەزى مەھەللىلىرىدە كونتروللۇقنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. مەزكۇر خەۋەر مۇستەقىل مەنبەلەر تەرىپىدىن توغرىلانمىدى.
ئىراق تېلېۋىزىيەسى تەلافەرگە تىرانسىپورت ئايروپىلانلىرى بىلەن ئەۋەتىلگەن ئەسكەرلەر بىلەن پىدائىيلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.
شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق قىسمى ئارىسىدا دىيالا ۋىلايىتىدىكى جالۇلا بازىرىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. توقۇنۇشلاردا ئىككى پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، ئالتە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ ئىراقتىكى تۈركمەنلەرگە ئەۋەتكەن ياردەم رايونغا يېتىپ باردى.
تۈركىيە تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن تۆت يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەشيالىرى، سىنجاردىكى تۈركمەنلەرگە تارقىتىپ بېرىلدى.
ياردەملەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان تۈركمەنلەر ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈشنىڭ خۇشاللىققا چۆمدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا ئىشتاب باشلىقى مارتىن دېمسېي، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش ئۈچۈن ئىراقتىن تەلەپ كەلگەنلىكىنى توغرىلىدى. بىراق بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلىپ – قىلمايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى. ئۇ: «ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بىلەن ھەممە يەردە كۈرەش قىلىش مىللىي بىخەرلىك مەنپەئەتىمىزدۇر» دېيىش بىلەن كۇپايىلەندى.
بەش بۇرجەكلىك بىنا، باغداد ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن رايوندا ئاخبارات توپلاش ۋە كۆزىتىش ئۈچۈن ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش سانىنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر