كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىغا شاھزادە زەيد سايلاندى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىغا شاھزادە زەيد سايلاندى

97912
كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىغا شاھزادە زەيد سايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىغا شاھزادە زەيد سايلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقىغا ئىيوردانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى شاھزادە زەيد رائادنىڭ تەيىنلىنىشىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.
شاھزادە زەيد، سايلامدىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى مۇسۇلمان ۋە ئەرەب ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئومۇمىي كېڭەشكە رەھمەت ئېيتتى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شاھزادە زەيد، ئۇدا 4 يىل ئۆتەيدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىق ۋەزىپىسىنى سېنتەبىردە ناۋى پىللايدىن ئۆتكۈزۈۋالىدىكەن. دىنا كاۋار شاھزادە زەيدىننىڭ ئورنىغا ئىيوردانىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىگە تەيىنلىنىدىكەن. كاۋارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى بىلەن 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىكى ئايال باش ئەلچىنىڭ سانى 6 غا يېتىدىكەن. مەركىزى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسسارلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىبات باشقارمىسىغا قاراشلىق بىر ئورگان سۈپىتىدە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھەق - ھوقۇقنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر