جۇڭگودىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورگىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش..

جۇڭگو: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىيا گازىنى بايقىشى دۇنيا ئېنېرگىيە خەرىتىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

97909
جۇڭگودىكى مەلۇم بىر تەتقىقات ئورگىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش..

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قىيا گازىنى بايقىشىنىڭ دۇنيا ئېنېرگىيە خەرىتىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئاكادىمىيە «دۇنيا ئېنېرگىيە تەرەققىياتى دوكلاتى 2014» ناملىق دوكلاتىدا، ئامېرىكىدىكى «قىيا گازى ئىنقىلابىنىڭ» دۇنيا تەبىئىي گاز باھاسى سىستېمىسى قۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكىنىڭ «قىيا گاز ئىنقىلابى» ئارقىلىق دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نىفېت ۋە گاز ئىشلەپچىقارغۇچى بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغان ئاكادىمىيە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە بولغان خام نىفېت بېقىندىلىقىنىڭمۇ ئازىيىدىغانلىقىنى بىلۈردى.
دوكلاتتا، ئوتتۇرا شەرقتىن ئەڭ كۆپ خام نىفېت ئىمپورت قىلىدىغان جۇڭگونىڭ دېڭىز يوللىرىنىڭ تازىلىق ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئامېرىكىدىن ئۆتكۈزۈۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئورۇن بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر