پاكىستاندا تالىبانغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى
پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايرۇپىلانلار بىلەن سائەت 01:30دا دېگان ۋە داتتا كىخېل رايونىدا تالىبان مىلىتانلىرىغا تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان بازىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھۇجۇملاردا ئەڭ ئاز 50 تەشكىلات ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ئارىسىدا چەتئەللىك مىلىتانلارنىڭمۇ بارلىقى ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى قەيت قىلىندى.
پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى 10-ئىيۇندا يەنە شىمالىي ۋەزىرىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى تىراھ ۋادىسىدا تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ توققۇز بازىسىنى بومباردىمان قىلىپ، 25 نەپەر مىلىتاننى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.