قىرىمنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان قىرىمنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى رۇستەم تەمىرگالىيېۋ ئىستېپا بەردى.

92191
قىرىمنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىم پارلامېنتى 72 ئاۋاز بىلەن تەمىرگالىيېۋنىڭ ئىستېپاسىنى ماقۇللىدى.
رۇستەم تەمىرگالىيېۋ رۇسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشتىن بۇرۇنقى ئۇكرائىناغا قاراشلىق مەزگىلدە 2013 – يىلى 18 – سېنتەبىر قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.
تەمىرگالىيېۋ خېلى بۇرۇنلا ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى، ئەمما ھەل قىلىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قىرىم باش مىنىستىرى سېرگېي ئاكسيونوۋ تەمىرگالىيېۋنىڭ ئىستېپاسىنىڭ ئورۇن پىلانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
تەمىرگالىيېۋغا تەشەككۈر ئېيتقان ئاكسيونوۋ: «تەمىرگالىيېۋ ھۆكۈمەتتىن ئايرىلمايدۇ، مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجىمىز بار» دېدى.
رۇسىيە قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش جەريانىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان تەمىرگالىيېۋ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۇتىننىڭ «قىرىمنىڭ رۇسىيەگە قايتۇرۇلىشىدا يۇقىرى خىزمەت مېدالى» غا ئېرىشكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر