ناتو تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جىددىي يىغىن چاقىردى

تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىش قىلمىشىدىن كېيىن خەلقئارا سەھنىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئەنقەرە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونى جىددىي يىغىن ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

91734

ناتو تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە بىنائەن جىددىي يىغىن چاقىردى؛ بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا دائىمىي ۋەكىللەر سەۋىيەسىدە چاقىرىلغان يىغىندىن كېيىن ت ر ت نىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ناتو مەنبەلىرى، «يىغىن تۈركىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چاقىرىلدى، ئىتتىپاق ئەزالىرى مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ئەھۋاللار ۋە تۈركىيەنىڭ پۇقرالىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە قىلىندى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن شۇنداقلا چوڭقۇر ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان ناتو مەنبەلىرى، ئىتتىپاقنىڭ ئوي – پىكرىنىڭ تۈركىيە خەلقى ۋە گۆرۈگە ئېلىنغۇچىلار بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يىغىننىڭ ناتو قۇرغۇچى ۋاشىنگتون كېلىشىمىنىڭ 4- ماددىسى دائىرىسىدە ئەمەس، ئۇچۇرغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر