دۇنيا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ئىران مۇسۇلدىكى تۈركىيە كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

92409
دۇنيا، ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى خىتابنامە ئېلان قىلىپ، بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.
خىتابنامىدە، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەردىن ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ۋىزا چەكلىمىسى ۋە قورال سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق ئېمبارگولار بىلەنلا كۇپايىلەنمەسلىك تەلەپ قىلىندى.
ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بان كىمۇن: «ئالدى بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتى، رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركلەرنىڭ قويۇۋېتىلىشى ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ ئادالەت ئالدىغا چىقىرىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن» دېدى.
تۈركىيەنىڭ چاقىرىق قىلىشى بىلەن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) دائىمىي ۋەكىللەر سەۋىيەسىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ۋەزىيەتنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنى ئەيىبلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جېن پىساكى: «تۇتۇپ كېتىلگەن تۈركلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدىكى چاقىرىققا قېتىلىمىز. ئىراقتا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشكە ياردەم قىلىمىز» دېدى.
گىرېتسىيەدە توپلانغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇسۇلدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى قارار قىلدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مەرزىيە ئافھام يازما باياناتىدا، ئىراقتا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى، بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ مۇسۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، كونسۇلخانا خادىملىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. مەرزىيە ئافھام بۇ ۋەقەنىڭ كىشىنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىلىشى ۋە قوغدىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئىراننىڭ ئىراق دۆلىتى ۋە خەلقىنى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقتا داۋام قىلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.
بۇ جەرياندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋىليام خاگۇئې، ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ كىشىنى قاتتىق ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى ئەھۋالدا ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلان قىلمىغانلىقىنى، ئىراقنىڭ مەۋجۇت تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلالىغۇدەك ھەربىي كۈچىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر