ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېرورلۇق تەشكىلاتى مۇسۇلنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى تۇزھۇرماتۇدىكى ئىككى تۈركمەن يېزىسىنىڭمۇ كونتىروللۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

91501
ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېرورلۇق تەشكىلاتى مۇسۇلنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى

ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تېرورلۇق تەشكىلاتى مۇسۇلنىڭ كونتىروللۇقىنى پۈتۈنلەي ئالقىنىغا كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە.
تېررورلۇق تەشكىلاتى تۇزھۇرماتۇدىكى ئىككى تۈركمەن يېزىسىنىڭمۇ كونتىروللۇقىنى تارتىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ساقچى ۋە ئارمىيەگە تەۋە قىسىملارنىڭ تەخمىنەن 25 مىڭ تۈركمەن ياشايدىغان 2 يېزىنى تاشلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
زوراۋانلىق ئىراقنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىگە كېڭەيمەكتە.
كەركۈكتىنمۇ ئارمىيە بىلەن ئىراق – شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى مېلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك تۇقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.
تېلېفاردىمۇ ئەندىشە داۋاملاشماقتا.
ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى سۇلايمانىيەدىمۇ ئامانلىقنى ساقلاش كۈچلىرىنىڭ تاسادىپى ھۇجۇملارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق باش مىنىستىرى نۇرى ئەل مالىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ۋە ئەرەب ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ، مۇسۇلدا جىددىي ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى، كەركۈكتا بولسا، كوچىغا چىقىشنى مەنئىي قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇسۇلدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن پۇقرالار شەھەرنى تاشلاپ قېچىشنى باشلىدى.
تەخمىنەن 120 گە يىقىن تۈركىيەلىك ئىشچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە مىڭلىغان كىشى دۇھوك ۋە ئەربىلگە يۆتكىلىپ پاناھلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر