ئىراقتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى

ئىراقنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى

87165
ئىراقتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 18 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا كۈردىستان يۇرتسەۋەرلەر بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ دىلايا شەھرىدىكى ئىشخانىسىغا قىلىنغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىنانىڭ ئالدىدا دەسلەپ بومبا قاچىلانغان بىر ماشىنا پارتىتىلدى، پارتلاشتىن كېيىن ۋەقە مەيدانىغا يىغىلغان كىشىلەر ئىككىنچى ھۇجۇمنىڭ نىشانىغا ئايلاندى.
ئىگىلىنىشىچە، بىر ئادەم بومبا ئۈستىگە تېڭىلغان بومبىلارنى پارتلاتقان، ھۇجۇملاردا 18 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 60 ئادەم يارىلانغان.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ئۈستىگە ئالغان، تەشكىلات ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، مۇسۇلمان بىر ئايالنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى بۇ ھۇجۇمنىڭ قىلىشلىرىغا سەۋەب قىلىپ كۆرسەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر