ب د ت پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا پەلەستىنلىك ۋە باشقا ئەرەب خەلقىنىڭ كشىلىك ھوقۇقلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ب د ت ئالاھىدە كومىتېتى تەرىپىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

85372
ب  د ت پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاچلىق ئېلان قىلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا پەلەستىنلىك ۋە باشقا ئەرەب خەلقىنىڭ كشىلىك ھوقۇقلىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ب د ت ئالاھىدە كومىتېتى تەرىپىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.
باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلغان ۋە بالنېستتا داۋالىنىۋاتقان 75 تىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىسرائىلىيەگە ئاچلىق ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ تەلىپىنىڭ ئورۇندىلىشى ھەققىدە ئالاھىدە چاقىرىقتا بولۇنغان مەزكۇر باياناتتا، مەھبۇسلارنىڭ زادى قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىش ۋە ئۆزلىرىنى ئاقلاش ھەق – ھوقۇقى بارلىقى ئەسلىتىپ ئۆتۈلدى.
باياناتتا يەنە، تەخمىنەن 100 گە يىقىن پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ 2014 – يىلى 24 – ئاپرىلدا تىنچ نارازىلىق بىلدۈرۈشنى باشلىغانلىقى، ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ كېيىنچە 290 غا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئېشىپ كېتىش ئېھتمالى بارلىقى بىلدۈرۈلۈپ، «ئىسرائىلىيە دائىرلىرى ھېچ قانداق سەۋەپ كۆرسەتمەستىن نۇرغۇن ساندا پەلەستىنلىكنى قولغا ئالدى» دېيىلدى.
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 5 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر